پېتېر سييارتو: ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۈركىيەنىڭ قولىدا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى پەقەت دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1541793
پېتېر سييارتو: ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۈركىيەنىڭ قولىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سييارتو بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يىغىندىكى سۆزىدە، گىرېتسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەمىمىي بىر مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى پەقەت دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىقلا ھەل قىلالايمىز» دېدى.

ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سييارتومۇ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم رولىغا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ: «مەيلى ياقتۇرسۇن ياكى ياقتۇرمىسۇن، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۈركىيەنىڭ قولىدادۇر» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر