بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 84 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 84 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1524051
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 84 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 84 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 10 مىڭ 887 گە چىقتى.

بىر كۈندە 141 مىڭ 944 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2 مىڭ 516 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 2 مىڭ 18 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 338 مىڭ 239 غا چىقتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر