تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 75 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 75 كىشى قازا قىلدى.

1519481
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 75 كىشى قازا قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 10 مىڭ 252 گە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 124 مىڭ 109 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 2213 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدن چىققان 1506 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 323 مىڭ 971 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر