تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت 18- 20 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئەزەربەيجاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1510379
تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، مۇستافا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈن بولغان 18 – ئۆكتەبىر  ئەزەربەيجان زىيارىتىنى باشلايدىكەن، شەنتوپ، 19 – ئۆكتەبىر كۈنى پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان، ھەمدە شۇ كۈنى يەنە كۆپ ساندا رەسمىي ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن، 20 – ئۆكتەبىر كۈنى ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسىگە خىتاب قىلىدىكەن.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاندا ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باكۇدا ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا، تۈركىيەنىڭ ھەردائىم ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ئەزەربەيجان قاچان خالىسا شۇ ۋاقىتتا، قانداق خالىسا شۇ بويىچە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويىمىز. <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قايغۇ – ھەسرەتلىرىمىزمۇ، خۇشاللىقىمىزمۇ ئورتاقتۇر. رايوندا تىنچلىق، ھۇزۇر، ئادالەت ۋە خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى تۈركىيەنىڭ يېگانە نىشانىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر