ئالتۇن ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى، قوشۇمچە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى دىپلوماتىيە سىياسىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ھېكمەت ھاجىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1509660
ئالتۇن ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ھاجىيېۋ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى قانۇنسىز ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قارشى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدە باكۇنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئالتۇن تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ھاجىيېۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەربدىكلىگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى، قوشۇمچە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى دىپلوماتىيە سىياسىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ھېكمەت ھاجىيېۋ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دوستۇم فاھرەتتىن ئالتۇن بىلەن دۆلەتلىرىمىزگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلار ۋە بوھتانلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئورتاق قەدەملەر ۋە ھەمكارلىقىنى كۆزدىن كەچۈردۇق. ئەزەربەيجان تۈركىيە – ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنبىرى تىرىشچانلىقلىرىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر