چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن جەيھۇن بايراموۋ ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.
ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 10 – ئۆكتەبىر كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12:00 دىن باشلاپ تاغلىق قاراباغدىكى جەسەتلەر ۋە ئەسىرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلغان ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغانىدى.
ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلۈپ 24 سائەت بولمايلا ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشى نەتىجىسىدە 9 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 34 ئادەم يارىلانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىنىستىر فىدان ئىسپانىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە غەززە ئۈچۈن قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.