بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 68 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (Kovid-19) سەۋەبىدىن 68 كىشى قازا قىلدى.
1494761
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 68 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 7 مىڭ 574 كە يەتتى.
بىر كۈن ئىچىدە 112 مىڭ 942 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 743 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 202 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 268 مىڭ 435كىشىگە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.