ئىران - تۈركىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

ئىران - تۈركىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 6- قېتىملىق يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تېلېۋىزىيە يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1486853
ئىران - تۈركىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر يىغىندا،  تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

كوۋىد – 19 يۇقۇمى پەيدا قىلغان يېڭى مۇھىتتا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىندا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر