بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 57 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 57 كىشى قازا قىلدى.

1486539
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 57 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 6730 غا يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  103  مىڭ 925 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1703 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1047 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 252 مىڭ 152 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر