ئەردوغان  مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشتى.

1484516
ئەردوغان  مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئەردوغان ئۇچرىشىشتا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى قوغدىلىدىغان ۋە بارلىق قىرغاقداش دۆلەتلەر قازىنىدىغان، شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ بايلىق مەنبەلىرىدىن ئادىل بەھرىمەن بولۇش تەرەپدارى ئىكەنلىكلىرىنى، بىراق، گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ، شۇنداقلا پەردە ئارقىسىدا ئۇلارغا يانتاياق بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىرىزىس ۋە سۈركىلىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ مەنمەنچىلىكى ۋە نائەھلىلىكىنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان تەشەببۇسلارغا قارشى تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنى ھەرزاماندا  ۋە ھەرماكاندا جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  مېركېلنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا گىرېتسىيە ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ رايونلۇق تىنچلىققا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان قەدەملىرى ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىسنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر