تۈركىيە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىبرىسقا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە قويغان قورال - ياراغ ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1483200
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىبرىسقا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە قاراتقان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارىنىڭ ئارالدىكى ئىككى خەلق (تۈركلەر بىلەن رىملار) ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ۋە تەڭپۇڭلۇقنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قارارنىڭ قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنى زەھەرلەيدىغان بۇنداق قارارنى ئىمزالىشى، ئىتتىپاقداشلىق روھى بىلەن سىغىشالمايدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، «بىز ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا، تۈركىيە كېپىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىدا زۆرۈر بولغان قانۇنىي ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، قەتئىيلىك بىلەن (ئوخشاش ئۇسۇلدا) قارشى قەدەملەرنى تاشلايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا 1987 - يىلدىن باشلاپ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر