ئەردوغان گىرېتسىيەنى «تارىخ» نى خاتىرىتىلىپ ئاگاھلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «(بىز) تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نە (باشقىلارنىڭ) ھەققىنى يېمەيمىز، نە ھەققىمىزنى (باشقىلارغا) يېگۈزمەيمىز» دېدى.

1482490
ئەردوغان گىرېتسىيەنى «تارىخ» نى خاتىرىتىلىپ ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گىرەسۇن پورتىدا 2020 – 2021 – يىللىق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئوۋچىلىق پەسلىنى ئېچىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

بۇ يىل دېڭىزلارنىڭ خۇشخەۋەرلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بىز قارادېڭىزدا بايقىغان 320 مىليارد مېتىر كۇبلۇق تەبىئىي گاز پەقەت سۇلارنىڭ پەقەت ئىچىنىڭلا ئەمەس، ئاستىنىڭمۇ بەرىكەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە... ئورۇچ رەئىس پاراخوتىمىز، شەرقىي ئاقدېڭىز (شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز)دا تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا، ئىنشائاللاھ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاقدېڭىزدىنمۇ قارادېڭىزدىكىگە ئوخشاش گۈزەل خەۋەرلەرنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز» دېدى.

«(بىز) تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نە (باشقىلارنىڭ) ھەققىنى يېمەيمىز، نە ھەققىمىزنى (باشقىلارغا) يېگۈزمەيمىز. ئاقدېڭىز ۋە ئەگەدە قاراقچىلىققا ۋە باندىتلىق قىلىشقا قەتئىي قاراپ تۇرمايمىز. ئاقدېڭىز بويىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ساھىلغا ئىگە دۆلىتىمىزنى ھېچكىم ئانتاليا ساھىللىرىغا قاماپ قويالمايدۇ. خەلقىمىزنىڭ ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ دېڭىزلاردىكى ھەقلىرىنى ئاداققىچە قوغداش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «كونا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كۇشكۇرتىشى بىلەن تۈركىيەگە قارشى تەتۇر ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلارغا يېقىنقى زامان تارىخلىرىنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر