ئەردوغان ئانىتكابىردىكى خاتىرە دەپتىرىگە مۇھىم سۆزلەرنى يازدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە نامايان قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇق ۋە دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1481537
ئەردوغان ئانىتكابىردىكى خاتىرە دەپتىرىگە مۇھىم سۆزلەرنى يازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈيۈك زەپەرنىڭ 98 – خاتىرە  يىلىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى (جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى جايلاشقان) ئانىتكابىرنى زىيارەت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئانىتكابىر ئالاھىدە خاتىرە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

ئەردوغان خاتىرە دەپتىرىگە، «ئەزىز ئاتاتۈرك، ئۇلۇغ غەلىبىنىڭ 98 - خاتىرە  يىلىدا سىزنى ۋە ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن ئەسلەيمىز. بىزگە ئامانەت بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى يۈكسەلتىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بىز جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 – خاتىرە يىلىنى قۇتلايدىغان 2023 – يىلىدا، تۈركىيەنى ئىقتىسادىي، ھەربىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ مۇستەقىل ۋە تېخىمۇ باياشات بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز. سۈرىيەدىن لىۋىيەگىچە، قارا دېڭىزدىن شەرقىي ئاقدېڭىزغىچە بولغان بارلىق مەيدانلاردا، بىز قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئۇتۇقلار دۆلىتىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى ئىرادىمىزنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. تۈركىيە بولۇپمۇ ئاق دېڭىزدىكى تەھدىت، پوپوزا ۋە قورقۇتۇش خاراكتېرلىق باياناتلارغا قەتئىي باش ئەگمەيدۇ. خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆزئارا كېلىشىملەردىن ھاسىل قىلغان ھەق - ھوقۇقىنى داۋاملىق قوغدايدۇ. روھىڭىز شاد بولسۇن» دەپ يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر