ئەردوغان ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
![ئەردوغان ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6835/acb5/89c4/5f49f1c23a924.jpg?time=1719021495)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەردوغان ستولتېنبېرگقا، تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا قوغداشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا بارلىق دۆلەتلەر قازىنىدىغان، كىرىزىسنى ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ۋە ساغلام دىيالوگ ئورنىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، ھەمدە خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان ۋە رايونلۇق تىنچلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك قەدەملەرگە قارشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭمۇ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى ئىپادىلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719021495)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.