ئەردوغان نىگېر پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىگېر پىرېزىدېنتى ماخامادو ئىسۇفۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1461873
ئەردوغان نىگېر پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

سۆھبەتتە يەنە، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد -19) يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش مۇمكىن بولغان خۇسۇسلارنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر