قالىن: تۈركىيە لىۋىيەنىڭ پارچىلىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، «بىز لىۋىيە خەرىتىسىنىڭ سىياسىي ياكى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن بۆلۈنۈشىگە قەتئىي قارشىمىز» دېدى.

1459710
قالىن: تۈركىيە لىۋىيەنىڭ پارچىلىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن، بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ، تەكلىپكە ئاساسەن بېرىپ لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە ياردەمچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «ياردەمچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرنىڭ لىۋىيەگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ھېچقانداق قانۇنىي سالاھىيىتى بولماي تۇرۇپ لىۋىيەنى پارچىلاشقا ۋە كونتروللۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «لىۋىيەدە ھافتەرنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرگە ئەڭ باشتىن تارتىپلا ئۇنىڭ ئىشەنچلىك بىر شېرىك ئەمەسلىكىنى، ئىككى يىلدىن بۇيانقى بارلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە ۋە تىنچلىق مۇساپىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. بىز لىۋىيە مەسىلىسىنىڭ سىياسىي يول بىلەن ھەل بولۇشى تەرەپدارىمىز، ھەربىي سۈركىلىشنى خالىمايمىز. بۇنىڭدىن باشقا لىۋىيەنىڭ بىنغازى ۋە ترابلۇس ئارىسىنىڭ بۆلۈنۈشىگىمۇ قارشىمىز، بۇلار ھەممىمىزنىڭ ساقلىنىشى كېرەك بولغان خەتەرلىك پىكىرلەردۇر» دېدى.

باياناتچى ئىبراھىم قالىن، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ئۇزۇن مەزگىللىكمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «لىۋىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەت، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي، ھەربىي، ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي بولسۇن ھەرخىل كېلىشىملەرنى تۈزۈش ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز لىۋىيە خەرىتىسىنىڭ سىياسىي ياكى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن بۆلۈنۈشىگە قەتئىي قارشىمىز. بۇ قورقۇنچلۇق بىر سېنارىيە بولىدۇ. ئىراقتا، سۈرىيەدە ۋە باشقا جايلاردا ئۈلگىلىرىنى كۆردۇق، ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر