ئەردوغان: پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەزەربەيجاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەزەربەيجاننى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1455087
ئەردوغان: پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەزەربەيجاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئەرمېنىيەنىڭ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق توختالغاندا، بۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئۈستۈن قاراباغ ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان سۈركىلىشنىڭ، ئەرمېنىيەنىڭ پەرۋاسىزلارچە ۋە سىستېمىلىق شەكىلدىكى ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بۇ ھۇجۇملار ئەرمېنىيەنىڭ قارا نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ھادىسىدۇر. بۇنىڭدىن مەقسەت، ھەم ئۈستۈن قاراباغدا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشتۇر، ھەمدە توقۇنۇش ساھەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىتىشتۇر. تۈركىيە ئەزەربەيجان خەلقىگە، قانۇنىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئەسلا ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. جۈملىدىن، بىز  پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى  ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر