تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا بىر جامەدە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
![تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f86a/650f/535e/5d0f224e53c40.jpg?time=1719101513)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ يېقىندىن بۇيان ئافغانىستاندا ئىبادەتخانىلار نىشان قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ كارتە چار رايونىدىكى «شىرشاھ سۇرى جامەسى» دە، جۈمە نامىزى ئەسناسىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئىمام بىلەن بىرلىكتە 3 پۇقرا قازا قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719101514)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.