ئەردوغان: بېمارلىرىمىز بارغانسېرى ئازىيىۋاتىدۇ

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋاباغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يېڭى يۇقۇملانغانلار سانى، ئۆلۈم سانى، جىددىي قۇتقۇزۇشتا داۋالىنىۋاتقان ۋە نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە تاينىۋاتقان بېمارلارنىڭ سانى ئازىيىۋاتىدۇ» دېدى.

1415296
ئەردوغان: بېمارلىرىمىز بارغانسېرى ئازىيىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنتىنىڭ تېلېۋىزىيە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋابا كىرىزىسىنى باشقۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ، ئالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياشانغانلارغا ئىگە بولۇۋاتىمىز. دۆلەت ساناتورىيەلىرىدە ياشاۋاتقان 27 مىڭدىن ئارتۇق ياشانغان كىشىلەرگە ھەر تۈرلۈك شەپقىتىمىزنى كۆرسىتىۋاتىمىز. ۋاباغا قارشى كىشىلىك قوغدىنىش قائىدەلىرىگە بويسۇنۇشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمەن. تېخى بۇرۇنقى كۈنلەرگە پۈتۈنلەي قايتمىدۇق، پەقەت ۋابا تەدبىرلىرى ئاستىدا ھاياتنى بىر ئاز ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ھاياتىمىزنى ئۇزۇنغىچە ۋابا تەھدىتىگە قارشى ئۆزىمىزنى قوغدايدىغان تەدبىرلەر بويىچە داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرمىز.»

ئۇ ۋابا مەزگىلىدە ھەر خىل ساھەلەرگە قىلىنغان ماددىي ياردەم توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە، ئۆزىگە لايىق بولغان ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 21-مايدا ئىستانبۇلنىڭ سانجاكتەپە رايونىدا ۋاباغا قارشى سېلىنىۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «قائىدەلەرگە رىئايە قىلىپ، نامايان قىلغان سەۋر ۋە كۆرسەتكەن پىداكارلىقلار ئۈچۈن، پۇقرالىرىمىزنىڭ ھەر بىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر