چاۋۇشئوغلۇ : چەت ئەللەردىن 65 مىڭدىن ئارتۇق تۈركىيە پۇقراسى قايتۇرۇپ كېلىندى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 103 دۆلەتتىن 65 مىڭدىن ئارتۇق تۈركىيە پۇقراسىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى.

1411320
چاۋۇشئوغلۇ : چەت ئەللەردىن 65 مىڭدىن ئارتۇق تۈركىيە پۇقراسى قايتۇرۇپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ياردەم ۋە ھەمكارلىق مەركىزىدە كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى ۋە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىۋاتقان  مۇۋەپپەقىيەتلىك پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ باسقۇچتا تۈركىيە سەھىيە سىستېمىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ساغلام ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى. بىز مەملىكىمىزدە يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەللەرگىمۇ ياردەم بېرىۋاتىمىز. باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردەم تەلەپلىرىگە تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. يۇقۇم كەڭ تارقالغانسېرى تۈركىيەگە كېلىش تەلەپلىرىمۇ شۇنچە كۆپەيدى. ھازىرغىچە 103 دۆلەتتىن 65 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرايىمىزنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلدۇق. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ پۇقرالىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن چەت ئەللەردە 473 تۈرك جېنىدىن ئايرىلدى، بۇلاردىن 350 تىن كۆپرەكىنىڭ مېيىتى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر