ۋابادا جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە يۇقۇملانغانلار سانى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىدا ۋە يۇقۇملانغانلار سانىدا تۆۋەنلەش گىرافىكى مۇقىم بولماقتا.

1410663
ۋابادا جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە يۇقۇملانغانلار سانى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەتتە 64 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان 3 مىڭ 461 گە چىقتى.  

 بۇ ۋاقىت ئىچىدە 35 مىڭ 771 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 1 مىڭ 614 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. دوختۇرخانىدىن چىققان 5 مىڭ 15 كىشى بىلەن، كېسەللىكنى يەڭگەنلەرنىڭ سانى 68 مىڭ 166 گە چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر