تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىىنى «ھەددىنى بىلىش»كە چاقىردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان باياناتلىرىغا دائىر مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

1408810
تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىىنى «ھەددىنى بىلىش»كە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى بىر ھەربىي ئىسيانچىغا  ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىككى يۈزلىمىچى سىياسىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدۇر» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقلىقى شۇنداقلا زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھامى ئاقسوي بۇ قاراش ئاساسىدا لىۋىيەدىمۇ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېنىدا ئورۇن ئالغانلىقىنى ۋە سىياسىي ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ بۇ پرىنسىپال پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ھامى ئاقسوي: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە دائىر ئاساسسىز، يېرگىنىشلىك تۆھمەتلىرى ئەسىلىدە  ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەتلىك پائالىيەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىدۇر» دېدى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ لىۋىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي  ئۆزگىرىش پىلانلىغۇچىلارنى يىللاردىن بۇيان قورال، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ياللانما ئەسكەرلەر بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھامى ئاقسوي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پەقەت لىۋىيەدىلا ئەمەس، يەمەن، سۈرىيە ۋە ئافرىقا مۈڭگۈزى قاتارلىق رايونلاردىمۇ خەلقئارا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلىرىدىن خەلقئارا جەمائەتچىلىكنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:  

«بۇ جەھەتتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ  ئەش شەباب قاتارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە يەمەندىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قىلىۋاتقان ياردەملىرى سىر ئەمەس. بىز ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتىنى دۆلىتىمىزگە قارشى دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتۇشتىن ۋاز كېچىشكە شۇنداقلا ھەددىنى بىلىشكە چاقىرىق قىلىمىز.  رايوندا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يولى قانداقتۇر ئايرىپ ئولتۇرماستىن پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان قانۇنسىز گۇرۇھلارنى ئەمەس، بەلكى لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمىنى ۋە قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە دۆلەتلىك مۇرەسسىلىشىش ھۆكۈمىتىنى قوللاشتىن ئىبارەتتۇر»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر