تۈركىيە پەلەستىنگە ياردەم قولىنى سۇندى
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەللەرگە تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلىۋاتقان تۈركىيە پەلەستىنگىمۇ ياردەم قولىنى سۇندى.
![تۈركىيە پەلەستىنگە ياردەم قولىنى سۇندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e83b/453f/58dd/5eaa9e19b7f6f.jpg?time=1718993775)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن پەلەستىنگە بېرىلىدىغان تېببىي لازىمەتلىكلەر بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ بۈگۈن كەچتە يولغا چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « تۈركىيە قارا كۈن دوستىدۇر. بىز <ئىنسانلارنىڭ ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن ئىنسانلىق ئۆلمىسۇن> پىرىنسىپىنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. ماسكا ، تۇلۇم، دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنىسى، دېزىنفېكسىيە دورىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان تېببىي لازىمەتلىكلەر ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. 15 توننىلىق تېببىي لازىمەتلىكلەر، 40 مىڭ دانە دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنىسى، 100 مىڭ دانە < N95 > تىپلىق ماسكا، 40 مىڭ تۇلۇم، 20 مىڭ دانە قوغدىنىش كۆزەينىكى، 2 مىڭ لېتىرلىق دېزىنفېكسىيە دورىسى، ئىككى مىڭ دانە ئوكسىگېن ماسكىسى، 4 دانە PCR ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718993776)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.