ئەردوغان بىلەن ترامپ  كوۋىد -19 مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشقا كېلىشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1401244
ئەردوغان بىلەن ترامپ  كوۋىد -19 مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشقا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى كوۋىد -19 (ۋۇخەن ۋىرۇسى) يۇقۇمىغا قارشى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئۆز ئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر