ئەردوغان تۈركىيەدىكى ھەرقايسى دىنلارنىڭ ۋەكىللىرىگە رەھمەت ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى دىنلارنىڭ ۋەكىللىرىگە مىللىي ھەمكارلىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1394341
ئەردوغان تۈركىيەدىكى ھەرقايسى دىنلارنىڭ ۋەكىللىرىگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، فەنەر رىم پاترىگى بارتولومېئوس، ئىستانبۇل – ئەنقەرە سۈريانى قەدىمىي چېركاۋى باشلىقى مور فىلۈكسىنوس يۇسۇف چەتىن، تۈركىيە يەھۇدىيلىرى باش ئېپسكوپى ئىسھاق ھالەۋا، تۈركىيە ئەرمەنلىرى پاترىگى ساھاك ماشاليان ۋە تۈرك يەھۇدىي جامائىتى باشلىقى ئەرول كوھېن قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مىللىي ھەمكارلىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر