تۈركىيە ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيەگە ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە، دۇنيادىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) نىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىي بازىسىغا ئايلانغان ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيەگە ياردەم قولىنى سۇندى.

1388962
تۈركىيە ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيەگە ياردەم قولىنى سۇندى
Turkiye ispanya italya yardim1.jpg
Turkiye ispanya italya yardim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ھەربىي زاۋۇتلاردا، تىككۈچىلىك ۋە خىمىيە سانائىتى ئورۇنلىرىدا يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان  قوغداش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماسكا، كىيىم- كېچەك، ۋە باكتېرىيەگە قارشى سۇيۇقلۇقلار قاتارلىق مىڭلارچە تېببىي ياردەم ئەشيالىرى ئەنقەرە ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودرومىدا ھەربىي يۈك ئايروپىلانىغا قاچىلاندى.

ياردەم ئەشيالىرى قاچىلانغان ساندۇقلارنىڭ ئۈستىدە ئىتالىيە ۋە ئىسپان تىللىرىدا مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ «ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ئۈمىدلەر بار. قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن قۇياشلار بار» دېگەن سۆزى ۋە «تۈركىيەدىن ئىسپانىيە خەلقىگە مېھرى – مۇھەببەت بىلەن» دېگەن خەتلەر ئورۇن ئالدى.

تۈركىيەدىن يولغا چىققان ياردەم ئايروپىلانى ئالدىدا ئىسپانىيەگە، ئۇ يەردىن ئىتالىيەگە بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر