تۈنۈگۈن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى 21 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈنۈگۈن ئىدلىبتە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورچىلاردىن 21 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.

1369261
تۈنۈگۈن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى 21 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى 21 نەپەر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدىكى شىئە دىنىي مەدرىسىلەرگە تەۋە «Hawzahnews» خەۋەرەلەر تورىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىدلىبتە تۈنۈگۈن زەينەبىيۇن ئەترىتىگە تەۋە 18 تېررورچى ۋە فاتىمىيۇن ئەترىتىگە تەۋە 3 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ئەسەدنىڭ قۇرۇغلۇق قىسمىغا ئايلانغان ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار ئاساسەن دېگۈدەك ئىراق چېگراسىدىكى دويرىزور شەھىرىنى بازا قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر