ئەردوغان: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، دېدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا تۈركىيەنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1357432
ئەردوغان: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشتەپە خەلق كونگرە ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياشىغان ئىنسان خەزىنىلىرى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى» دا سۆز قىلدى.

ئۇ تۈنۈگۈن (10-فېۋرال) بەش ئەسكەر شېھىت بولغان ھۇجۇم ئۈستىدە توختىلىپ: «سۈرىيەگە كېرەكلىك جاۋاب ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بەردۇق. بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتا ئۆزىگە بالاسىنى ھەسسىلەپ تاپتى. ئەمما بۇ يەتمەيدۇ، تېخى داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ ئەتە (12-فېۋرال) ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئىدلىبتىكى ھۇجۇملاردىن كېيىنكى بېسىلىدىغان قەدەملەرنى ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇلار بزىنىڭ مەھمەتچىكلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلغانسېرى بەدىلىنى تېخىمۇ ئېغىر تۆلەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر