خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن 42 كىشى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى
يولۇچىلار 14 كۈنگىچە دوختۇر نازارىتى ئاستىدا تۇتۇلىدۇ ۋە ئايروپىلانمۇ مەخسۇس دىزىنفىكسىيەدىن ئۆتكۈزىلىدۇ.
![خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن 42 كىشى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4a14/1e8a/0bbe/5e36693502516.jpg?time=1719071829)
![cin tahliye Turk yolcular1.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/577c/a8c0/2b86/5e36686bc02aa.jpg?time=1719071829)
![cin tahliye Turk yolcular2.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/51fb/b4ff/3e82/5e3669280b6e3.jpg?time=1719071829)
![fahrettin koca.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6a3b/70ab/1750/5e36687a1bc45.jpg?time=1719071829)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن 32 نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنى قوشقاندا جەمئىي 42 كىشى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.
تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى 33 سائەتلىك سەپەرنى تاماملاپ، تۈنۈگۈن كەچ سائەت 21:00 دە پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەتىمەسغۇت ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا قۇندى.
سەھىيە مىنىستىرى فەخرىتتىن كوجا ئايروپىلاننى قارشى ئالدى ۋە ئېلىپ كېلىنگەن 42 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
فەخرىتتىن كوجا 42 كىشىنىڭ ساق - سالامەت ئېلىپ كېلىنگەنلىكىدىن خوشال بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە 32 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى، 6 نەپەر ئەزەربەيجان پۇقراسى، 3 نەپەر گىروزىيە پۇقراسى ۋە 1 نەپەر ئالبانىيە پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 42 كىشىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن فەخرىتتىن كوجا: «بولۇپمۇ بۇ سەپەر جەريانىدا ماسكا، قوغداش كېيىملىرى قاتارلىق كېرەكلىك تەدبىرلەر تولۇق ئېلىندى. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ئىرفان ئۇستازىمىز بىلەن ئايروپىلاندا سۆھبەتلەشتىم. يولۇچىلارنىڭ ھېچ بىرىدە يول بويىچە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، تۈركىيە پۇقرالىرىلا ئەمەس، قېرىنداش دۆلەت پۇقرالىرىنىڭمۇ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى.
فەخرىتتىن كوجا ھەربىي خادىملارنىڭمۇ سالامەتلىكى ياخشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ 42 كىشىنىڭ باشقا كېسەللەر قوبۇل قىلىنمايدىغان ۋە پەقەت بۇ قېتىمقى يولۇچىلار ئۈچۈنلا تەييارلانغان زەكائىي تاھىر بۇراق دۇوختۇرخانىسىدىكى مەخسۇس بۆلۈمگە يوللىنىدىغانلىقىنى ۋە 14 كۈنگىچە دوختۇر نازارىتى ئاستىدا تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ياتاقلاردا كۆزىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئۇلارغا بېرىلىدىغان تاماق قاتارلىق بارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭمۇ بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان قاچا – قۇچا ئەسلىھەلەر ئارقىلىق بېرىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەخلەتلىرىنىڭمۇ تىببىي ئەخلەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇ ئارىلىقتا 42 كىشىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھەربىي ئايروپىلاندىكى 20 نەپەر خادىممۇ جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى بىلەن دوختۇرخانىغا يوللاندى.
يولۇچىلارنى ئېلىپ كەلگەن ئايروپىلانمۇ تەدبىر ئۈچۈن ئايرودورۇمدىكى ئەڭ ئۇزاق بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئايروپىلاننىڭ ھاۋا ئارمىيەسىگە قاراشلىق خىمىيەلىك بىئولوگىيەلىك، رادىئاتسىيەلىك ۋە يادرو قورال مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە دىزىنپىكسىيە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719071830)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.