تۈركىيە بىلەن گامبىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىملەر ئىمزالاندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر دائىم ئادىل، تەڭپۇڭ ۋە ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان ئاساستا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى.

1348458
تۈركىيە بىلەن گامبىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىملەر ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گامبىيەدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ئۇ گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋ (Adama Barrow) بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچرىشىشلاردا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش نامى ئاستىدا قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى تۇنجى بولۇپ توختاتقان دۆلەتنىڭ، گامبىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «گامبىيەنىڭ قەتئىي قەدىمى، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش نۇقتىسىدا ئۈلگە بولدى» دېدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئارزۇ قىلغان سەۋىيەدە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنى تەڭپۇڭ بولغان قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى ھەمكارلىقلار ئىشىكلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلىدى.

گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋ يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىن ھەر ساھە بويىچە مۇھىم قوللاشلارنى ۋە ھەمكارلىق يېقىنلىقىنى كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە تۈركىيە بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بىۋاستە چەت ئەل مەبلەغلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىقنى تۈركىيە بىلەن ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مايىل ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن بۇرۇن، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئاداما بارروۋنىڭ ھۇزۇرىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان كېلىشىملەر ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر