تۈركىيە لىۋىيەدە كىرالىق ئەسكەرلەرنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ لىۋىيەگە كىرالىق ئەسكەرلەرنىڭ كېلىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ لىۋىيەنىڭ تىنچلىقىغا ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1335744
تۈركىيە لىۋىيەدە كىرالىق ئەسكەرلەرنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن جەنۇبىي سۇدان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋۇت دې ئاجۇئىلنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، مىنىستىرلىقتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىلىشىگە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئېيتقانلىرى ھەققىدىكى بىر سوئالغا:

«جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئېيتقانلىرى ناھايىتى ئوچۇق. لىۋىيە بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، يېڭىلانغان بۇ كېلىشىمنىڭ ئىچىدە، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، تەلىم-تەربىيە، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تېخنولوگىيە ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھەمكارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بار» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ئىچكى كابېنتىغا زۆرۈر تېپىلغاندا لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «شۇڭا، بۇنىڭ قاچان ۋە قانداق بولىدىغانلىقى، دائىرىسىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنىڭ قارارىنى، جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت بېرىدۇ. ئالدىمزىدىكى كۈنلەردە بۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى سىلەرمۇ كۆزىتىسىلەر» دېدى.

ئۇ «لىۋىيەدە كىرالىق ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. سۇدانغا، بولۇپمۇ چادقا قارايدىغان بولساق، كانكاۋىد قورالىق كۈچلىرى ئۇ يەردە، بۇ ئەھۋال ب د ت نىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ كۆرۈلدى. دارفۇردىكى قەتلىئاملاردا سېسىق نامى پۇر كەتكەن گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدىمۇ؟ ئۇچرىشىشلىرىڭىزدا پوزىتسىيە نامايان قىلىندىمۇ؟» دېگەن سوئالغا: «بىز لىۋىيەگە كىرالىق ئەسكەرلەرنىڭ كېلىشىگە قارشى. كىرالىق ئەسكەرلەرنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز باشتىن تارتىپ بالدۇرراق ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ جانلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش شۇنداقلا مۇساپىنى تېزلەشتۈرۈش. لىۋىيەدە مەسىلىنىڭ بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى-سىياسىي يولدۇر. ھازىر لىۋىيەدە جەنۇبىي سۇداندا بولغىنىغا ئوخشاش بىر مۇساپە بار. بىز بۇنى قوللايمىز. سۇدان ۋە جەنۇبىي سۇدان ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىمۇ قوللايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر