تۈركىيە: ئامېرىكا - ئىران سۈركىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – ئىران سۈركىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1334432
تۈركىيە: ئامېرىكا - ئىران سۈركىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە قاراشلىق قۇدۇس كۈچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئىراقنىڭ توقۇنۇش ساھەسىگە ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ ھەم ئىراقنىڭ، ھەم رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «بۇ دائىرىدە، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە قاراشلىق قۇدۇس كۈچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلەيمانى ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىللارغا بۈگۈن ئەتىگەن باغدادتا قىلىنغان ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىق ۋە تىنچسىزلىقنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. رايونىمىزدا مۇقىملىققا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلغايتقۇچى قەدەملەرنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كۈپەيتىۋېتىدىغانلىقى ۋە بۇ بارلىق تەرەپلەرنىڭ بۇ ئەھۋالنىڭ زېيىنىغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلىنىشى كېرەك» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ رايوندا تاشقى مۇداخىلىلەرگە، سۇيىقەستلەرگە ۋە مەزھەپچى توقۇنۇشلارغا ھەردائىم قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بارلىق تەرەپلەر سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان بىر تەرەپلىمە قەدەملەرنى تاشلاشتىن ساقلىنىشقا ۋە دىپلوماتىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر