تۈركىيە « Eastmed » كېلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى، گىرېتسىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «< Eastmed> شەرقىي ئاقدېڭىز تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى» لايىھەسى كېلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1334143
تۈركىيە « Eastmed » كېلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، مۇخبىرلارنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار سوئالىغا بەرگەن يازما جاۋابىدا، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ، رايوندا تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى چەتكە قېقىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىقنىڭ نەمۇنىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ساھىل لىيەنىسىگە ئىگە بولغان تۈركىيەنى ۋە قىبرىس ئارىلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى ئۈستىدە ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بولغان قىبرىس تۈركلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان ھېچقانداق بىر لايىھەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ   دىققىتىنى بۇ مۇھىم نۇقتىغا يەنە بىر قېتىم بۇرايمىز. شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەبىئىي بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشتا، بۇ تەبىئىي بايلىقلارنىڭ تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپادىكى ئىستېمال بازارلىرىغا يەتكۈزۈلۈشىدە  ئەڭ ئاز چىقىم كېتىدىغان ۋە بىخەتەر ئۆتۈش ئېغىزى تۈركىيەدۇر. شۇنداقتىمۇ، ھەم بىزگە ھەم قىبرىس تۈركلىرىگە ھەمكارلىق ئىشىكلىرىنىڭ تاقىلىشى، ئەسلىدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا سىياسىي پىلانلارنىڭ كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. بۇنداق سۇيىقەستلىك پىلانلارنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا، كەلگۈسىدىمۇ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى شۇ پىلانلارنىڭ ساھىبلىرىغا يەنە بىر قېتىم خاتىرىلىتىمىز.»

شەرقىي ئاقدېڭىزدىن چىقىرىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ قىبرىس ئارقىلىق گىرېتسىيەگە، ئۇ يەردىن ئىتالىيەگە يەتكۈزۈلۈشى نىشان قىلىنغان « Eastmed » لايىھەسى، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى  رەھبىرى نىكسوس ئاناستاسىئادىس، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا تۈنۈگۈن ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر