قالىن ۋە ئالتۇن پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنغان «لىۋىيە ئىجازەتنامەسى» توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن مەجلىستە قوبۇل قىلىنغان «لىۋىيە ئىجازەتنامەسى» توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

1333774
قالىن ۋە ئالتۇن پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنغان «لىۋىيە ئىجازەتنامەسى» توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان «لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدىكى ئىجازەتنامە» ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيە ئەمەلىي مەيداندا ۋە (مۇزاكىرە) ئۈستەلىدە كۈچلۈك بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن،ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي ئافرىقا ۋە ئاقدېڭىزدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تاشلانغان بىر قەدەمدۇر. تۈركىيە ساھەدە (ئەمەلىي مەيدان) ۋە ئۈستەلدە كۈچلۈك بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ تىۋىتتېر ئادرېسىدا قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، لىۋىيە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا خەۋپسىزلىك ۋە تىنچلىقنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىزنى سەرپ قىلىشنى ۋە رايوننى بىر تەرەپلىمە ھالدا سۈمۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلارنىڭ ئويۇنلىرىنى بۇزۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر