لىۋىيەگە ئەسكەر يوللاش قانۇن لايىھەسى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلدى
قانۇن لايىھەسىدە لىۋىيەگە ھەربىي يوللاشقا نېمە ئۈچۈن ئېھتىياج بارلىقى چۈشەندۈرۈلۈپ، لىۋىيەدىكى توقۇنۇش ۋە تېررورىزم مۇھىتى تەكىتلەندى.
![لىۋىيەگە ئەسكەر يوللاش قانۇن لايىھەسى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2867/2aa0/8593/5e0ae9bcef0da.jpg?time=1718960551)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقۇنۇشلار ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
قانۇن تەكلىپىدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋىيەدىكى ۋەزىپىسىنىڭ دائىرىسى ۋە چەك – چېگرالىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك تەرىپىدىن بەلىگىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 1 يىللىق مۇددەت بىلەن لىۋىيەگە يوللىنىشى ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەش رۇخسىتى بېرىلىشى تەلەب قىلىندى.
قانۇن لايىھىسىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋىيەدىكى ۋەزىپىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1 – تۈركىيە ئارمىيەسى لىۋىيەدە مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك تەلىم - تەربىيە ۋە مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىدە بولىدۇ.
2 – تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىت ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالىدۇ.
3 – لىۋىيەدىكى قانۇنسىز قاراللىق گۇرۇپپىلار ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى مەنپەئەتلىرىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4 - لىۋىيە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزىدۇ.
5 - لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ھەربىي ياردەملەردە بولىدۇ.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، جىددىي يىغىن چاقىرىقى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشى قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن 2 - يانۋار پەيشەنبە كۈنى سائەت 14:00 تە يىغىلىدىغان بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718960551)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.