پېسكوۋ: «ئەردوغان بىلەن پۇتىن لىۋىيە مەسلىسىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ»

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىقى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ لىۋىيە كىرىزىسىنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1324893
پېسكوۋ: «ئەردوغان بىلەن پۇتىن لىۋىيە مەسلىسىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىقى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا قارىتا قويۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پۇتىن بىلەن ئەردوغاننىڭ لىۋىيە كىرىزىسىنىمۇ مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پېسكوۋ، «ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزمۇ - يۈز ياكى تېلېفون سۆھبەتلىرىدە لىۋىيە مەسىلىسى چوقۇم مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. لىۋىيە مەسلىسىمۇ سۆھبەت قىلىنىشى» دېدى.

پېسكوۋ پۇتىننىڭ يانۋار ئېيىدا تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە بارىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، «بۇ؛ بارلىق يېڭى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرلىشىش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق زىيارەت ياكى ئۇچرىشىش ھازىرچە پىلانلانمىدى. بىراق خىزمەت پىروگراممىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر