تۈركىيە نىگېر ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېردىكى بىر ھەربىي بازىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەم جېنىدىن ئايرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن نىگېر ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1322295
تۈركىيە نىگېر ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرنىڭ مالى چېگراسىدىكى ئىناتېس رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا نىگېر ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇر ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى؛ باياناتتا، «بۇ پەسكەشلەرچە ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. قېرىنداش نىگېر خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىگېرنىڭ غەربىدىكى بىر ھەربىي گازارغا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 70 نەپەر نىگېر ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر