چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1319318
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيەدە چىقىدىغان «‹ Corriere della Sera› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا، قىبرىس ساھىللىرىدا تۈركىيەنىڭ نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدە ئەنقەرەنىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بىز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاپالەتچىسىمىز. قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. ھالبۇكى رۇم تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالىمايۋاتىدۇ. نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدە بىر تەرەپلىكلا  پائالىيەتلەرنىڭ بولماسلىقى ۋە كىرىملەرنىڭ كومىتېت تەرىپىدىن تەقسىم قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلىۋاتىمىز. بۇ تەكلىپىمىزنى رۇملارغا، گىرېتسىيەگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇندۇق. ئەمما ئۇلار ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالىمايۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، بىز شەرقىي ئاقدېڭىزغا پاراخوتلىرىمىزنى ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولدۇق. بىزنىڭ ھېچكىم بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىمىز يوق، بىراق پاراخوتلىرىمىزنى قوغداشقا توغرا كەلگەندە تېگىشلىك تەدبىرلەرنىمۇ قوللانمىساق بولمايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشى مەسىلىسىدە ۋاشىنگتون ئەنقەرەنى تەنقىد قىلدى، بىراق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە تۈركىيەگە بىر نەرسە دېگىنى يوق. دەل ئەكسىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ كۆپ قېتىم ھەربىر دۆلەتنىڭ خالىغىنىچە قورال – ياراغ ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى  سېتىۋېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر