ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1301639
ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىككى لىدېرنىڭ 13 – نويابىردا ۋاشىنگتوندا كۆرىشىدىغانلىقى قايتىدىن جەزملەشتۈرۈلگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ، سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تېلېفون سۆھبىتىمىز ئۈنۈملۈك بولدى. سۆھبەتتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدىكى سودا نىشانلىرى باشتا بولۇپ كۆپلىگەن ساھەلەردە تاشلايدىغان قەدەملىرىمىز ھەققىدە سۆزلەشتۇق. 13 – نويابىردىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زىيارىتىمىز بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىمىزنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈچۈن خەيرلىك نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ترامپمۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئەردوغان ماڭا، توقۇنۇش ئەسناسىدا قېچىپ كەتكەن تېررورچىلار كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ ئايالى ۋە ھەمشىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دائېش ئەزاسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى.

ترامپ تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، سۈرىيە چېگراسى، تېررورىزمنى يوقىتىش، ي پ گ / پ ك ك ۋە باشقا مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى 13 – نويابىردا ئاقساراينى كۆرۈشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر