ئەردوغان پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدىكى بىخەتەر رايوندا تېخىچە تېررورىستلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1300658
ئەردوغان پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AKParti) نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى باشلانغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن قورشاشنى پىلان قىلغانلارغا، جاۋابىمىزنى ئۇدۇل تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا كىرىپ قوغلاپ چىقىرىش بىلەن بەردۇق.»

ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆتمۈشتە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاسالا (Asala) نىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە جىمجىت قاراپ تۇرغانغا ئوخشاش، كۈنىمىزدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قاراپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 2016-يىلى 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ: «1999-يىلىدا ئامېرىكادىن پاناھلىق تىلىگەن تېررورىست كاتتىباش نېمە ئۈچۈن ئامېرىكادا تۇرىدۇ؟ نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۇنى قوغدايدۇ؟ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى لايىھەدۇر. لايىھە بولۇش سۈپىتىدە ئامېرىكادا 40 گېكتارلىق يەردە ياشىماقتا. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دائېشنىڭ كاتتىبېشى سىلەر ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىمۇ بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراق زېمىنلىرىدا ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقالمىغىچە كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بېكىتىلگەن بىخەتەرلىك رايون چېگرالىرى ئىچىدە تېخىچە تېررورىستلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. ئۇ يەرلەر تېررورىستلاردىن تازىلانمىدى، بىزنى ئالدىيالمايدۇ» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا ئاساسەن ئامېرىكا زىيارىتىنى قارار قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر