ئەردوغان: ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش بولماسلىقىم ئېنىق ئەمەس

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 13 – نويابىر كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇپ بولماسلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1297230
ئەردوغان: ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش بولماسلىقىم ئېنىق ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدىكى نۇتىقىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا باشلىشى سەۋەبىدىن، 13 – نويابىردا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ بولماسلىقنى تېخىچە قارارلاشتۇرمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھازىرغىچە بىز ئا پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز. بۇ چارلاش پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چارالاش پائالىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ئەھۋالغا قاراپ، ب ۋە س پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىشىمىز مۇمكىن.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ كۆرۈشمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، «ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ كۆرۈشۈشىمىز مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر