ئەردوغان: تۈركىيە دائېش كاتتىبېشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
![ئەردوغان: تۈركىيە دائېش كاتتىبېشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/dc6b/d6b4/f3e9/5db61a769405f.jpg?time=1719024447)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا دائېش كاتتىبېشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر تارقىتىپ، «دائېش كاتتىبېشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرىشىمىزنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى تەشكىل قىلماقتا. دائېش، پ ك ك / ي پ گ ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئېغىر بەدىلىنى تۈلىگەن تۈركىيە، بۇ ئەھۋالنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى» دېدى.
ئەردوغان باياناتىدا، ئىتتىپاقداشلىق روھى دائىرىسىدە تېررورىزمغا قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719024447)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.