ئەردوغان: تۈركىيە يەتتە جاھانگىرغا قارشى تىك تۇردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يەتتە جاھانگىر كۈچكە قارشى بېشىنى تىك تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1294313
ئەردوغان: تۈركىيە يەتتە جاھانگىرغا قارشى تىك تۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا 105-نۆۋەتلىك مەھەللە كومىتېتى باشلىقلىرى كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا 50 مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغانلارنىڭ بىزگە ئىنسانلىق ھەققىدە ساۋاق بېرىشكە ئۇرۇنۇشىنى ئاچچىق تەبەسسۇم بىلەن قارشى ئالىمىز. تۈركىيەنىڭ مەسىلىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قارشىنى كەمچىللىك دەپ قارىغانلارغا، يۇمشاق پەلىيىمىز ئىچىدىكى تۆمۈر مۇشتىمىزنى كۆرسىتىشتىن ھەرگىزمۇ چېكىنمەيمىز» دېدى.

ئۇ ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» تەسىس قىلىش تەكلىپىنى سۇنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «بىز مەزكۇر تەكلىپنى سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز مىڭلارچە بىگۇناھ خەلق بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە باشقا كۈچلەرنىڭ ھاۋا بومباردىمانلىرىدا جان بېرىۋاتقاندا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. ئىشىكلەرنى ئاچىمىز دېگەن ۋاقتىمىزدا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. ئالدىرىماڭلار، ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئىشىكلەر ئېچىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ چېگراسى بويىچە قۇرۇلماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىنى يەنچىپ تاشلاش ئۈچۈن بىرسىدىن رۇخسەت ئېلىشقا ئېھتىياجىمىز يوق» دېدى.

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى بىلەن ھازىرغىچە رايوندا كونتروللۇقنى قولىغا ئالغان جايلار يۈز ئۆلچىمىنىڭ 4 مىڭ 220 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ئەسكەرلىرىمىز ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ھەرىكەت رايونىدا تىنىتىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا تېررورىستلار ئالدىمىزغا چىقسا، ئەدىپىنى بېرىش ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقىمىز ھېسابلىنىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن ھەر قانداق بىرىنى، ئىسمىنى، بايرىقىنى ياكى فورمىسىنى ئالماشتۇرۇپ، قايتىدىن ئالدىمىزغا چىقارماقچى بولسا، بىز بۇ تۇزاققا چۈشمەيمىز. سۈرىيە خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە كېلەچىكىنى رايونغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ پىلاننىڭ مەززەسى سۈپىتىدە پايدىلانماقچى بولغانلارغا بىرىنچى بولۇپ بىز قارشى چىقىمىز. پۈتكۈل دۇنيانى دېموكراتىيە، قانۇن دۆلىتى، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئەڭ تۆۋەن دېگەندە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئوخشاش خەتەرلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە، قوبۇل قىلىشقا ۋە شۇنىڭغا قارىتا پوزىتسىيە تۇتۇشقا تەكلىپ قىلىمەن. توغرا دەپ بىلگەن يولدا ئىلگىرىلەشتىن ھەرگىزمۇ چېكىنمەيمىز. بۇ يولدا قانچىلىك بەدەلنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقى ياكى كىچىكلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمىز.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ياكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن پايدىلىنىپ مۇساپىنى قالايمىقانلاشتۇرماقچى بولغانل ھەممە كىشىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئاشكارىلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر