قالىن: ياۋروپا ئەسكەرلىرىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ياۋروپانىڭ سۈرىيەدىكى تېررورغا ۋە بۆلگۈنچى سىياسەتكە زەربە بەرگەن تۈركىيە ئارمىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1293325
قالىن: ياۋروپا ئەسكەرلىرىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا 21 – ئۆكتەبىردە گېرمانىيە ئاۋازى راىيوسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى تارقاتتى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، «ياۋروپا ئەسكەرلىرىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك. ئىدلىبتا پۇقرالارنى بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز قوغداۋاتىدۇ. شىمالىي سۈرىيەدە تېررورغا ۋە بۆلگۈنچى سىياسەتكە زەربە بېرىۋاتىدۇ. مۇساپىرلارنى ۋە پۇقرالارنى ھىمايە قىلىۋاتىدۇ. رايوننىڭ بىخەتەرلىكىدە ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئىبراھىم قالىن ئامېرىكىلىقلار بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئىشارەت قىلىپ، كېلىشىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلۇشى، ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلار رايوندىن چېكىنگەندىن كېيىن ھەرىكەتكە خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىككى نىشانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىبراھىم قالىن، «بىرىنچىسى، بۇ يەرنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش ئىدى. ئىككىنچىسى، مۇساپىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىدى. بۇ دائىرىدە ئۆز يۇرتلىرى بولغان شەھەر ۋە بازارلارغا قايتىشلىرىغا ئۇيغۇن شارائىتلارنى يارىتىشنى خالايمىز» دېدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاسنىڭ ھەرىكەت توغرىسىدىكى سەلبىي پوزىتىيەسىگە ئىنكاس قايتۇرغان قالىن، «ئەسكەرلىرىمىزنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتى ئالدى بىلەن سۈرىيەدىكى سىياسىي مۇساپىنىڭ ئىزچىللىقى نۇقتىسىدىن، ئىككىنچى بولۇپ، سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ۋە يۇرتلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىش نۇقتىسىدىن بىر كاپالەتتۇر. ياۋروپالىق دوستلىرىمىز ئەسكەرلىرىمىزنىڭ بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئەمما مۇھىم ۋەزىپىنى ئادا قىلىۋاتقان بولۇشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر