ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1288163
ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەردوغان ماكرونغا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىلىقتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقارمۇ فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فلورېنسې پېرلى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر