تۈركىيە بېنيامىن نېتانياھۇغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1275878
تۈركىيە بېنيامىن نېتانياھۇغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ كۆڭلى يېرىم، چۈنكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى ۋە پەلەستىن خەلقىگە زۇلۇم سېلىشىدىن ئىبارەت روشەن ھەقىقەتنى جاراڭلىق ھالدا پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلاۋاتىدۇ. بېنيامىن نېتانياھۇ مەزلۇملارنىڭ ساداسى بولغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئىنگىلىز تىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «چىرىكلىك پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەن بېنيامىن نېتانياھۇ يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىدىن باشقا ياققا بۇرۇۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئى نېتانياھۇ! ۋاقتىڭىزنى سايلامدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بىر رەھبەرگە ھۇجۇم قىلىشقا سەرپ قىلغۇچە، سوت مەھكىمىسىدە ھېساب بېرىشكە تەييارلىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلسىڭىز ياخشىراق بولماسمۇ؟»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پەلەستىن خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇم – سىتەملىرى ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى سەۋەبلىك ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە تارقاتقان دەلىل – ئىسپاتسىز دەۋالىرىنى تەنقىد قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر