شىمالىي ئىراقتا 15 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان پەنچە – 3 ھەربىي ھەرىكىتىدە تۈنۈگۈن 15 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1258542
شىمالىي ئىراقتا 15 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، پەنچە – 3 ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى ھەققىدە تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ، «پەنچە-3 ھەربىي ھەرىكىتىدە 4 نەپىرى ھاۋادىن زەربە بېرىشتە، ئىككىسى توقۇنۇشتا بولۇپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا 6 تېرروچى بىر تەرەپ قىلىنىپ، شېھىتلىرىمىزنىڭ قانلىرى يەردە قويۇلمىدى. شۇنداق قىلىپ پەنچە-3 ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 15 بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر