ئەردوغان شەرقىي ئاقدېڭىز توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ ھەر قانداق ئىشقا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1217582
ئەردوغان شەرقىي ئاقدېڭىز توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي ئاقدېڭىز ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «تۈركىيەنىڭ ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى، مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز. بۇ مەسىلىدە بارلىق تاللاشلار داۋاملىق تەييار ھالەتتە تۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ سۈرىيەدە ئۇۋا تۇتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى نۇقتىلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«چېگرايىمىزنى بويلاپ پەيدا قىلىنماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىنى، جەرەبلۇس-ئافرىن لىنيەسىدە ۋە شىمالىي ئىراق لىنيەسىدە قانداق بىتچىت قىلغان بولساق، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە بىتچىت قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر