تۈركىيە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – تۈركىيە ئىتتىپاقىغا دائىر ئەندىشىلەر» تېمىلىق قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1216325
تۈركىيە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – تۈركىيە ئىتتىپاقىغا دائىر ئەندىشىلەر» تېمىلىق قارارىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە قەتئىي ياراشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – تۈركىيە ئىتتىپاقىغا دائىر ئەندىشىلەر» تېمىلىق قارارى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ باياناتتا، «قارار، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق پىرىنسىپلىرىغا قەتئىي ياراشمايدۇ. قاراردىكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىغا ئالاقىدار ناھەق ۋە ئاساسسىز دەۋالارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ ھەردائىم دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىنىڭ، دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا يەنە، «بۇنىڭ ئورنىغا، ھېچقانداق ئىجرائىيە كۈچى بولمىغان، ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىشكە ھەسسە قوشمايدىغان قارارلارنىڭ چىقىرىلىشى، تەھدىت ۋە ئېمبارگو تىلىنىڭ كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى شۇنداقلا بىر قاتار سۈنئىي شەرتلەرنىڭ قويۇلۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر