ئىراقنىڭ شىمالىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىغا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت نىشانلار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.

1203287
ئىراقنىڭ شىمالىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ، ھاقۇرق ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن قورال – ياراغ، ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرى ۋە پاناھ جاي سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن نىشانلار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر